خىتاي دائېشنى ئەيىبلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى دائېشنىڭ گۆرۈدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى ۋە ۋەقەنى ئەيىبلىدى.

419347
خىتاي دائېشنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت سەھىسپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتچى خوڭ لېينىڭ يازما باياناتىدا، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا گۆرۈگە ئېلىۋالغان 50 ياشلىق فەن جىڭخۇي فامىلىلىك خىتاي پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭمۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

دائېش بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى نورۋېگىيەلىك جون گرىمسگارد بىلەن خىتاي پۇقراسى فەن جىڭخۇينى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ھەر ئىككى دۆلەتتىن فىدىيە تەلەپ قىلغانىدى. تەشكىلات تۈنۈگۈن خىتاي پۇقراسى فەن فامىلىلىك بىلەن نورۋېگىيەلىك گرىمسگاردنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئېلان قىلغان بولسىمۇ، قاچان، قەيەردە ۋە قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىگە دائىر مەلۇما بەرمىگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر