بىر مۇسۇلمان يىگىت دۇنياغا دوستلۇق ئۇچۇرى يوللىدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا مۇسۇلمان بىر يىگىت دۇنياغا دوستلۇق ئۇچۇرى يوللىدى.

418784
بىر مۇسۇلمان يىگىت دۇنياغا دوستلۇق ئۇچۇرى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسۇلمان يىگىت جۈمە كۈنى يۈز بېرىپ 129 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇملارنىڭ بىرىنىڭ نىشانىغا ئايلانغان جۇمھۇرىيەت مەيدانىغا چىقىپ، كۆزلىرىنى شارپا بىلەن تاڭدى.

يىگىتنىڭ ئالدىدىكى قاتتىق قەغەزگە يېزىلغان «مەن مۇسۇلمانمەن، ساڭا ئىشىنىمەن. سەن ماڭا ئىشىنەمسەن؟ ئىشىنىدىغان بولساڭ، مېنى قۇچاقلا» دېگەن خەتنى ئالاھىدە دىققەتنى تارتتى. يۈزلەرچە پارىژلىق مۇسۇلمان يىگىتنىڭ چاقىرىقىغا ئۇنىڭ قۇچاقلاش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. مەيدان ناھايىتى تەسىرلىك لەھزىلەرگە سەھنە بولدى.

پارىژنى قانغا بويىغان ھۇجۇمنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى دۇنياغا جاكارلىماقچى بولغان يىگىت، بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئارزۇسىغا يەتكەن بولدى.

مۇسۇلمان يىگىتنىڭ سىن كۆرۈنۈشى كۆرۈش ۋە ئورتاقلىشىش رېكورتلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر