ب د ت دا تېررورىزم قۇربانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇلدى

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە يېقىنقى مەزگىللەردە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ قۇربانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى.

418616
ب د ت دا تېررورىزم قۇربانلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 193 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى باشلىقى موگېنس لايككېتوفت ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئەنقەرە، باغداد، بېيرۇت ۋە پارىژدىكى ھۇجۇملار بىلەن مسىىردا بومبا قويۇپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن رۇسىيە ئايروپىلانىدىكى تېررورلۇق قۇربانلىرىنىڭ يېقىنلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دائېش، بوكو ھارام، ئەششەباب، ئەلقائىدە ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنسان ھاياتى ۋە ھۆرمىتىنى ئاياغ ئاستى قىلغان قىلمىشلىرىنىڭ ب د ت نىڭ قىممەت – قاراشلىرىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن لايككېتوفت، «بۇ قىيىن شارائىتتا ئازاب ۋە قايغۇ ناھايىتى ئاسانلا غەزەپلىنىش ۋە قوپاللىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تىنچلىق، ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە باياشاتلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىىشىشىمىز كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

لايككېتوفت تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېگىزلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر