كېرى: ئاخىرىدا دائېشنى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى يېڭىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى پارىژدا زىيارەتتە بولماقتا.

418004
كېرى: ئاخىرىدا دائېشنى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى يېڭىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جون كېرى، فىرانسىيە بايرىقىنىڭ رەڭلىرى بولغان كۆك، ئاق ۋە قىزىل رەڭلەر بىلەن يورۇتۇلغان باش ئەلچىخانا بىناسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ئاخىرىدا دائېشنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق قوللىغۇچىلىرىنى يېڭىمىز» دېدى. پارىژدا بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كېرى، پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭمۇ پارىژدا زىيارەتتە بولۇشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ فىرانسىيە بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان كېرى، «بۈگۈن كەچ ھەممىمىز پارىژلىقمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر