ئىسرائىلىيەدە پارىژ ھۇجۇمى سەۋەبلىك قۇرئانغا ھاقارەت قىلىندى

ئىسرائىلىيە ماكان ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پارىژ قانلىق ھۇجۇمى سەۋەبلىك قۇرئانغا ھاقارەت قىلدى.

417848
ئىسرائىلىيەدە پارىژ ھۇجۇمى سەۋەبلىك قۇرئانغا ھاقارەت قىلىندى

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر نوپۇزلۇق گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ماكان ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مىرا يادى ئىسىملىك باياناتچىسى قۇرئانى كەرىمگە ھاقارەت قىلغان، بۇنىڭغا قارىتا مىرا يادىن ئۈستىدىن ئىسرائىلىيە باش تەپتىش ئىدارىسىغا ئەرز قىلىنغان.
ئەل مىزان كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى مەركىزى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، ماكان ئىشلىرى مىنىستىرلىقى باياناتچىسىTwitter ھېساباتىدىن ئۇچۇرتارقىتىپ، فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن قانلىق ھۇجۇملارنى قۇرئانى كەرىمگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى. مەركەز باياناتىدا : «Twitterھېساۋابىدا قۇرئانى كەرىمگە ھاقارەتنى مەزمۇن قىلغان ۋە سۆز ئەركىنلىكى دائىرىسىدىن ھالقىغان» سۆزلەرنى قىلغان باياناتچى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىسرائىلىيە باش تەپتىش ئىدارىسىغا ئەرز قىلغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.
باياناتچىTwitter دا تارقاتقان ھېساباتىدا فىرانسىيەدىكى ھۇجۇملارنىڭ سەۋەبىنىڭ قۇرئانى كەرىمدىكى مەلۇم بىر سۈرە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. پارىژنى 13-نويابىردا قانغا بويىغان ھۇجۇملاردا ئەڭ ئاز 132 ئادەم ئۆلۈپ، 349 ئادەم يارىلانغانىدى. 6 جايدا مەيدانغا كەلگەن قانلىق ۋەقەلەر نەتىجىسىدە 7 تېررورچى ئۆلگەن بولۇپ، بۇ قانلىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر