فىرانسىيە دائېش بازىلىرىغا بومبا تاشلىدى

فىرانسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان راققە شەھىرىدىكى بازىسىنى بومباردىمان قىلدى.

417567
فىرانسىيە دائېش بازىلىرىغا بومبا تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 10 ئۇرۇش ئايروپىلانى دائېش نىشانلىرىغا 20 بومبا تاشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، بومباردىمان قىلىنغان جايلارنىڭ ئارىسىدا قوماندانلىق مەركىزى، مەشىق لاگېرلىرى ۋە قورال ئىسكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلار بار ئىكەن.

فىرانسىيە سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلماقتا. ھازىرغىچە ئاساسلىقى دائېشنىڭ مەشىق لاگېرلىرىنى بومباردىمان قىلىپ كېلىۋاتقان فىرانسىيە، ئۆتكەن ھەپتە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى نېفىت ئىسكىلاتلىرىنى بومباردىمان قىلغانىدى.

فىرانسىيە دائىرىلىرى، ئىلگىرى ‹ئەسەد ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ› دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۈرىيەدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قاتناشمىغانىدى.

جۈمە كۈنى پارىژدا مەيدانغا كېلىپ 132 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر