مەشھۇر ئېيفېل تۆمۈر مۇنارىمۇ «ماتەمگە چۆمدى»

فىرانسىيەنىڭ مەشھۇر سېمۋوللىرىدىن بولغان ئېيفېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ چىراقلىرى قانلىق ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ئۆچۈرۈۋېتىلدى.

417333
مەشھۇر ئېيفېل تۆمۈر مۇنارىمۇ «ماتەمگە چۆمدى»

فىرانسىيەنىڭ مۇھىم سىموۋللىرىدىن بولغان ئېيفېل مۇنارىنىڭ چىراقلىرى پارىژدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلدى.
پارىژ شەھەر باشلىقى ئاننې ھىدالگو ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئۇچۇر تارقىتىپ، مۇنار چىراقلىرىنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلگەن كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىدىغان فوتو-سۈرىتىنى ئورتاقلىشىپ: «بۈگۈن كەچ ئېيفېل تۆمۈر مۇنارىمۇ ماتەمگە چۆمدى، قانلىق ۋەقەدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن چىراقلىرى ئۆچۈرۈۋېتىلدى» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.
تۈنۈگۈن ساياھەتچىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان ئېيفېل تۆمۈر مۇنارىنىڭ بۇيرۇق كەلمىگۈچە زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پارىژدا ئوخشىمىغان 6 جايدا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىدە ئەڭ ئاز 129 ئادەم ئۆلگەن، 99ى ئېغىر بولۇپ جەمئىي 352 ئادەم يارىلانغانىدى، دائېش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان بۇ قانلىق ھۇجۇملاردا 7 تېررورچى ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر