تايلاندتا يەنە بومبا پارتلىدى

تايلاند ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكەت قوماندانلىق مەركىزىي پاتتانى ئۆلكىسىدە ئىككى بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە تۆت كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

416640
تايلاندتا يەنە بومبا پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكەت قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى بانفوت فۇنفىپ، پاتتانى ئۆلكىسىدە ئىككى بومبا ھۇجۇمىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە قەيت قىلنىشىچە، بىرىنچى بومبا كىشىلەر زىچ توپلىشىدىغان جايدا يىراقتىن تىزگىنەك ئارقىلىق پارتىلتىلغان بولۇپ، تۆت يېزا قوغدىغۇچىسى ئۆلگەن، ئۈچ كىشى يارىلانغان. ئىككىنچى بومبا بىرىنچى بومبا پارتلاپ ئارىدىن بىر قانچە سائەت ئۆتكەندە ناراسىۋات ئۆلكىسىدە پارتلىغان، ۋەقەدە ئىككى ھەربىي خادىم يارىلانغان.
بانفوت فۇنفىپ بۇ ھۇجۇملارنىڭ پەردە ئارقىسىدا مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى مۇسۇلمانلار زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان پاتتانى، يالا ۋە ناراسىۋات ئۆلكىلىرى ۋە سوڭخالانىڭ مالايچە سۆزلىشىدىغان بەش رايونىدا تۇنجى قېتىم 1980 – يىلنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى 2004 – يىلى قايتىدىن ئۇلغايغان ئىدى. بۇ رايونلاردا 2004 – يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن ھەر خىل ۋەقەلەردە 6 مىڭ 200 كىشى ئۆلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر