پ ي د، پ ك ك ۋە دائېش ھەمكارلىق ئورناتتى

ئاخبارات ئورگانلىرى 2015 – يىلى 7 – ئىيۇلدىن كېيىن تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئ.ېلىپ بېرىشقا باشلىغان پ ي د، پ ك ك ۋە دائېشنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى تىنىمسىز ئىز قوغلاش نەتىجىسىدە سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقتىكى پالاس مېھمانخانىسىدىن تاپتى.

399338
پ ي د، پ ك ك ۋە دائېش ھەمكارلىق ئورناتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ماي ئېيىدا مەزكۇر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن پالاس مېھمانخانىسەدا ئۇدا تۆت كۈن يىغىن ئاچقان، يىغىندا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تۈركىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلات ئۇۋىلىرىنىڭ نىشانىنى بومبا ھۇجۇمى ئارقىلىق بەلگىلەشكە ئۇرۇنغان. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئېنېرگىيە لىنيەلىرى ئارقىلىق قوللىغان رۇسىيە بولسا، شۇ كۈنى ھەم بەششار ئەسەد ھەمدە پ ي د نىڭ كاتتىباشلىرى بىلەن موسكۋادا كۆرۈشكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر