ئاپتونوم رايوننىڭ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» توڭلىتىپ قويۇلدى

ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى كاتالونىيە ئاپتونوم رايونى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» نى توڭلىتىپ قويدى.

415529
ئاپتونوم رايوننىڭ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» توڭلىتىپ قويۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى بىردەك ئاۋاز بىلەن كاتالونىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىنى ۋاقىتلىق توڭلىتىپ قويدى.
شۇنىڭ بىلەن، كاتالونىيە ئاپتونۇم رايونلۇق پارلامېنتىدا 10 – نويابىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان «مۇستەقىللىق مۇساپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش نىشان قىلىنغان قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىشقا باشلاش خىتابنامىسى» ئاپتوماتىك ھالدا توڭلىتىپ قويۇلغان بولدى.
ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىپ بۇنداق قارار ئېلىشى، «دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كۈچى» نىڭ نامايەندىسى ئىكەن. كاتالونىيە ئاپتونۇم رايونىنىڭ 21 نەپەر رەھبىرى ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلماي، مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەھكىمىنىڭ قارارىغا رىئايە قىلمىغان ۋە مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشقا ئۇرۇنغان ئاپتونومىيە رەھبەرلىرى بىلەن مەمۇرلارغا «ئىتائەتسىزلىك قىلىش ۋە ئىسيان كۆتۈرۈش» جىنايەتلىرى تۈپەيلى، 25 – 30 يىل قاماق جازاسى بېرىلىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر