ھىلارى كلىتون دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا قارشى چىقتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنت نامزاتلىرىدىن ھىلارى كلىتون دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

415124
ھىلارى كلىتون دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىغا قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غازىلار ۋە پېنسىيونېر ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن كلىنتون، بۇ ھەقتىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تەھدىتنىڭ چوڭلۇقىنى باھانە قىلىپ، دائېشقا قارشى قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى ئېلان قىلىنىشىنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كلىنتون، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۇرۇشقا قانچىلىك دەرىجىدە كۆپ چىقىم كېتىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ئېھتىياجى بارلىقىنى، قۇرۇقلۇق ئۇرۇشى ئېلان قىلىنغان تەقدىردە، بۇنىڭغا يېتەرلىك دەرىجىدە مەبلەغ بولۇشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.
پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىش مەقسىتىدە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا يەرلىك كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىىشىدىغان ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىشىگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كلىنتون، ئوتتۇرا شەرقتە دائېشنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرى ئەۋەشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كلىنتون، «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون» بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن چاقىرىقتا بولغانلىقىنى ئېيتتى.
نۇتىقىدا مىسىردا چۈشۈپ كەتكەن رۇس ئايروپىلانى توغرىلىقمۇ توختالغان كلىنتون، ۋەقەنىڭ دائېش بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان تەقدىردە، بۇنىڭ پەقەت ئامېرىكا ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈنمۇ مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر