رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 3 كۈندە 448 يەرنى بومباردىمان قىلدى

سۈرىيەدە رۇسىيەگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپلانلىرى 3 كۈن ئىچىدە 448 يەرنى بومباردىمان قىلدى.

365134
رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى 3 كۈندە 448 يەرنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە.
ساھىل رايونىدىن ئېتىلغان بىر روكېت رۇسلارنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن قاچقانلار قېلىۋاتقان ئىدلىبنىڭ ئوبىن يېزىسىدىكى چېدىرلارغا چۈشتى. ۋەقەدە 6 ئادەم ئۆلدى، 12 ئادەم يارىلاندى.
سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر ھامانىڭ شىمالىغا جايلاشقان 2 يېزا بىلەن بىر تۆپىلىكنىڭ تىزگىنى تارتىپ ئالدى.
بۇنىڭدىن باشقا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىمۇ داۋاملاشماقتا.
رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇس ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ 3 كۈندە 448 يەرنى بومباردىمان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
باياناتتا بومباردىمان قىلىنغان جايلارنىڭ دەمەشىق، ھەلەب، لازقىيە، ھۇمۇس، ھاما، راككا ۋە ئىدلىب قاتارلىق رايونلاردا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
فىرانسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى فىرانسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سۈرىيەدە تېررولۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.
ھاۋا ھۇجۇملىرىدا دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى بىر نېفىت بازىسى ۋەيران بولدى.
سېنتەبىردە دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان فىرانسىيە، ئىلگىرى دائېشنىڭ ھەربىي تەلىم-تەربىيە لاگېرلىرىنىلا بومباردىمان قىلاتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر