دۇبەي خەلقئارالىق بىر يەرمەنكىگە ساھىبخانىلىق قىلدى

«دۇبەي ئايروپىلان يەرمەكىسى» زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

413782
دۇبەي خەلقئارالىق بىر يەرمەنكىگە ساھىبخانىلىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاۋىئاتسىيە يەرمەنكىلىرىدىن بولغان «دۇبەي ئايرۇپىلان يەرمەنكىسى» زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.
يەرمەنكىگە قاتناشقان زىيارەتچىلەر ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
دۇبەي ئايرۇپىلان يەرمەنكىسىگە 60قا يېقىن دۆلەتتىن ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن نوپۇزلۇق شىركەتلەر قاتنىشىدۇ.
تۇنجى قېتىم 1989-يىلى زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن يەرمەنكە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدە لايىھىلەپ چىقىلغان يېڭى تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى مىڭلارچە ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغان يەرمەنكە، 12-يانۋارغىچە زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر