ئەنگلىيە پايتەختى لوندون ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا سەھنە بولدى
ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا مىڭلارچە ئوقۇغۇچى تەلىم – تەربىيەنىڭ ھەقسىز بولۇشى ۋە ئوقۇغۇچى قەرزلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراپ يۈرىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچى ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىمۇ ھۆكۈمەتنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە كېلەچەك ئەۋلادلارغا خىيانەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ھالدا نامايىشنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىدى. بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار مىنىستىرلىق بىناسىغا بوياقلارنى ئاتتى، يېقىن ئەتراپتىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىغا كىرىشكە ئۇرۇندى.
ساقچىلار بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلەپ نازارەت ئاستىغا ئالدى.
ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرلىقىمۇ خامچوت كەملەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىۋېرسىتېت خىراجەتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئوقۇغۇچىلار 17- نويابىردا لوندوندا قايتىدىن نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.