«ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانى بىمەنە ۋە ساختا»

خىتاي ئامېرىكىدىن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە مەيدانىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلدى.

406196
«ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانى بىمەنە ۋە ساختا»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي «‹CNN› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتىنىڭ خىتاي نەنشا تاقىم ئارىلىنىڭ ئالاقىدار خادا تاشلىرىغا يېقىن دېڭىز تەۋەسىگە كىرگەنلىكى توغرىسىدا مەيدانىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتنى خىتاي نەنشا تاقىم ئارىلىنىڭ ئالاقىدار خادا تاشلىرىغا يېقىن دېڭىز تەۋەسىگە كىرىشكە ئەۋەتىش قىلمىشى سىياسىي ۋە ھەربىي ئىشلاردىكى ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى بولۇپ، رايون ۋەزىيىتىنى ھەربىيلەشتۈرۈش ۋە تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانلىق قىلمىشى بولىدۇ. خىتاي ۋە مەزكۇر رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئۈمىد قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى مەيدانى بىمەنە ۋە ساختا. بىر تەرەپتىن باشقىلاردىن رايون ۋەزىيىتىنى ھەربىيلەشتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزى دائىم بۇ رايونغا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىدۇ. ‹ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى› دا سۇ يولىدا مېڭىش ۋە ئۇچۇش ئەركىنلىكى، بىخەتەر ۋە خەۋپسىز ئۆتۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئامېرىكا ھازىرغىچە بۇ ئەھدىنامىگە قوشۇلمىدى، قىلمىشىنىڭ ھەممىسى بۇنىڭغا زىت.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر