ب د ت: ۋاشىنگىتون كۇباغا قاراتقان ئېمبارگونى بىكار قىلسۇن

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋاشىنگىتوندىن كۇباغا قاراتقان ئېمبارگونى بىكار قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

402898
ب د ت: ۋاشىنگىتون كۇباغا قاراتقان ئېمبارگونى بىكار قىلسۇن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رەت قىلىپ ئاۋاز بېرىشىگە قارىماي، 191 دۆلەت قوللىغان قانۇن تەكلىپى ئارقىلىق ۋاشىنگىتوندىن كۇباغا قاراتقان ئېمبارگونى بىكار قىلىشى تەلەپ قىلىندى.
ئومۇمىي كېڭەش، قانۇنىي جەھەتتىن ھېچقانداق ئىجرا قىلدۇرۇش كۈچى بولمىغان كۇباغا مۇناسىۋەتلىك بۇنداق قانۇن تەكلىپلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان ھەر يىلى ئاۋازغا قويۇپ كەلمەكتە.
بۇ يىلقىسى بىلەن بىرلىكتە 24 – قېتىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا چاقىرىق قىلىنغان بولدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كۇبا ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئارىدىن 54 يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ يىل تەكرار باشلانغان ھەمدە ھەر ئىككى دۆلەت پايتەختلەردە باش ئەلچىخانىلىرىنى ئاچقانىدى.
كۇبا، مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشىنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم توسالغۇ بولغان سودا ئېمبارگولىرىنىڭمۇ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر