يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئېشىپ كەتتى

ئافغانىستان بىلەن پاكىستاندا يۈز بەرگەن 7.5 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 331 گە چىقتى.

359146
يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، پاكىستاندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 237 گە، ئافغانىستاندا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 74 كە چىقتى. پاكىستاندا 2 مىڭدىن ئارتۇق يارىدارنىڭ بارلىقى ئېلان قىلىندى.
پاكىستاندا قالدۇق يەر تەۋرەشلەرنىڭ تەسىرىدە بەزى رايونلاردا تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. بەزى جايلاردا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى. خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن باشلانغان ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، قۇتقۇزۇش خادىملىرى بەزى تاغلىق رايونلارغا يېتىپ بارالمىدى.
ئافغانىستاندا نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىگە سەۋەب بولغان بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى، ئېنېرگىيە ۋە ئۇچۇر – ئالاقە لىنيەلىرىنى زىيانغا ئۇچراتتى. بۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇنلىغان ئاھالىلەر رايونىدىن خەۋەر ئېلىنالمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر