ئەسەد سايلامدا ئۇتۇپ چىقسىمۇ بۇ مالىمانچىلىق توختىمايدۇ

تۈركمەن قوماندان رۇسىيەنىڭ پەقەت دائېش بىلەنلا ئۇرۇشىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق بىز ھەم دائىشقا، ھەم سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىمىز» دېدى.

400934
ئەسەد سايلامدا ئۇتۇپ چىقسىمۇ بۇ مالىمانچىلىق توختىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەن قوماندان «ئەگەر ئەسەد سايلام ئۆتكۈزۈپ ئۇتۇپ چىققان تەقدىردىمۇ بۇ مالىمانچىلىق توختىمايدۇ» دېدى.
بايىربۇجاك تۈركمەن رايونى قوماندانى پالكوۋنىك ئەبۇ فادىل، سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈپ ئۇتۇپ چىققان تەقدىردىمۇ، سۈرىيەدىكى مالىمانچىلىقلارنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەبۇ فادىل ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسەدنىڭ «پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولۇشقا تەييارمەن» دېگەن سۆزلىرى ئۈستىدە توختالدى ۋە سۈرىيەدە دېموكراتىيە يوقلۇقىنى، 1970 – يىلىدىن بۇيان بېرلا نامزات بىلەن سايلام ئاتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەرگېي لاۋروۋنىڭ «بىز سۈرىيەدىكى قوزغىلاڭچىلارغا ھاۋادىن ياردەم قىلىشقا تەييار» دېگەن سۆزلىرىنىمۇ تەنقىد قىلغان ئەبۇ فادىل: «سۈرىيەدە بۈگۈنگە قەدەر 400 مىڭدىن 500 مىڭغىچە كىشىمىز شېھت بولدى. رۇسىيە خۇددى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئوخشاشلا ئەشۇ بارلىق شېھىتلىرىمىزنىڭ قاتىلىدۇر» دېدى.
فادىل رۇسىيەنىڭ پەقەت دائېش بىلەنلا ئۇرۇشىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىراق بىز ھەم دائىشقا، ھەم سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر