«دائېشنى تازىلاش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە پاتقاقلىقى قۇرۇتۇلىشى كېرەك»

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى سائىب ئۇرەيقات، رايوندىكى دائېش ۋە ئاشقۇن ئىدىيەلەرنى تازىلاشنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال پاتقاقلىقىنى قۇرۇتۇلىشىنى شەرت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

399953
«دائېشنى تازىلاش ئۈچۈن ئىسرائىلىيە پاتقاقلىقى قۇرۇتۇلىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى ئۇرەيقات، رايوندىكى دائېش ۋە ئاشقۇن ئىدىيەلەرنى تازىلاشنى خالايدىغانلارنىڭ ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال پاتقاقلىقىنى قۇرۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

سائىب ئۇرەيقات مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدىكى پەلەستىن ئەلچىخانىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مىسىر، ئىيوردانىيە ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىگە قىلىنغان ناھەقچىلىكلەرگە قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە دىپلوماتىك مەيدانىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «غەربىي قىرغاق، قۇددۇس ۋە غەززەگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ؛ بالىلار، بوۋاقلار دېمەستىن سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنىڭ ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ئەسناسىدا بىخەتەرلىكىنى قوغداپ بېرىشتىن كېلىپ چىقىدىغان جاۋابكارلىقنى يالغۇز ئىسرائىلىيەلا ئۈستىگە ئالىدۇ.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىغا پەلەستىن خەلقىگە قىلىنغان ئەڭ يېڭى ناھەقچىلىكلەرنى ئىسپاتلايدىغان ئاۋازلىق ۋە كۆرۈنۈشلۈك 5 ئايرىم ماتېرىيالنىڭ بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئۇرەيقات، «قۇددۇسنى يەھۇدىيلاشتۇرۇش، زېمىنلىرىنى تارتىۋېلىش ۋە ئاھالىلەر رايونلىرى قۇرۇش ئۈچۈن ئاممىۋىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىشغال ئالدىدا ئۆزىنى قوغدىغان بىگۇناھ كىشىلەرگە قارشى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر