ئىسرائىلىيە دائېشنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى، «دائېش»، «نۇسرە فىرونتى» ۋە «ئابدۇللاھ ئەززام بىرىگاداسى» نى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

399702
ئىسرائىلىيە دائېشنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «باش مىنىستىر بۇنيامىن نېتانياھۇ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان ھەپتىلىك ئىچكى كابېنت يىغىنىدا دائېش، نۇسرە فىرونتى ۋە ئابدۇللاھ ئەززام بىرىگاداسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقى» ئەسكەرتىلدى.

ئىسرائىلىيە ئىچكى بىخەتەرلىك ئىدارىسى شىن بېت (شاباك) نىڭ ھۆكۈمەتتىن مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، سەۋەبنىڭ دائېش بىلەن نۇسرە فىرونتىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى، ئابدۇللاھ ئەززام بىرىگاداسىنىڭمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگە قارشى تەشكىلاتلانغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر