«ئامېرىكا ئەسكەرلىرى دائېش ئەزالىرىنى قۇتقۇزدى»

ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى بىلەن ئىراقلىق كورد پەشمەرگە كۈچلىرى دائېشقا قارشى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئەسىرلەردىن بىر قىسمىنىڭ خىيانەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان دائېش ئەزالىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

399055
«ئامېرىكا ئەسكەرلىرى دائېش ئەزالىرىنى قۇتقۇزدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قۇتقۇۇۋېلىنغان كشىىلەرنىڭ دائېشقا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان پەشمەرگە ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلىنىپ بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا قۇتقۇزۇۋېلىنغان 69 كىشى ئەرەب بولۇپ، بۇلاردىن 20 سى ئىراقلىق كونا ئەسكەرلەر ئىكەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېشتېن كارتېر بولسا، 69 ئەسىر قۇتقۇزۇۋېلىنغان ھەربىي ھەرىكەتكە ئوخشىغان كۆپلىگەن ھەرىكەتلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، دائېشقا قارشى كەڭ دائىرىلىك ئاخبارات توپلانغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر