ئەسەد: ئالدى بىلەن ھەربىي، ئارقىدىن سىياسىي چارە كېرەك

سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد سۈرىيە مەسىلىسىگە سىياسىي چارە تېپىشتىن ئىلگىرى ھەربىي چارە تېپىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

399752
ئەسەد: ئالدى بىلەن ھەربىي، ئارقىدىن سىياسىي چارە كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە رۇسىيەلىك پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ئەسەد، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي مۇداخىلىسىگە يۇقىرى باھا بەردى. موسكۋانىڭ سۈرىيەدە يېڭى بىر تارىخ يازغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەسەد، سۈرىيە كىرىزىسىگە تېپىلىدىغان چارىنىڭ مۆتىدىل بولمىغان ئۆكتىچىلەرنى تازىلاش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەسەد سۈرىيەدىكى تېررورچىلارنى تازىلاشنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى نىشانلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيەلىك پارلامېنت ئەزالىرى ھەيئىتىدىكى كومۇنىستىك پارتىيە پارلامېنت ئەزاسى ئالېكساندېر يۇشېنكومۇ رۇسىيە مەتبۇئاتىغا بايانات بېرىپ، «ئەسەد سۈرىيە خەلقى زۆرۈر، دەپ قارىغان تەقدىردە دۆلەتتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشىنى خالايدىغان بارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلىدىغان مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە يەنە خەلق خالىسا، بۇ سايلاملارغا قاتنىشىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى» دېدى.

يۇشېنكو، ئەسەدنىڭ سۈرىيەنىڭ يېڭىلىنىشىدا رۇسىيەنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە رۇسىيە شىركەتلىرىنى ھەمكارلىق ئورنىتىشقا چاقىرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە تۈنۈگۈن (شەنبە) سۈرىيەدە ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى ۋە قايتىدىن سايلام ئۆتكۈزۈشنى مەزمۇن قىلغان بىر چارە لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيەدە ياشايدىغان بەزى ئەرەبلەر سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن ئېگىزلىكتىن سەكرەش پاراشۇتلىرى ئارقىلىق گولان چوققىلىرى ئارقىلىق سۈرىيە تەرەپكە ئۆتمەكتە. بۇ خىل ئۇسۇلدا چېگرادىن ئۆتكەن يەنە بىر ئەرەب سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆكتىچىلەرگە قېتىلدى.

دۇنيانىڭ ئەڭ قاتتىق قوغدىلىدىغان چېگرالىرىنىڭ بىرى بولغان ئىسرائىلىيە – سۈرىيە چېگراسىنى بۇ شەكىلدە ھالقىپ ئۆتۈپ سۈرىيەدىكى تەشكىلاتلارغا قېتىلغان ئىسرائىلىيەلىك ئەرەبلەرنىڭ سانى 45 كە يەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر