شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە - ئامېرىكا قوشما مانېۋىرى داۋاملاشماقت

سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقان تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شەرقىي ئاقدېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.

358099
شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيە - ئامېرىكا قوشما مانېۋىرى داۋاملاشماقت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 18 – ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان «2015 – يىللىق شەرقىي ئاقدېڭىز مانېۋىرىغا تەكلىپ» مانېۋىرىغا تۈركىيەنىڭ دېڭىز ئارمىيەسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە ساھىل بىخەتەرلىكىنى قوغداش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشتىراك قىلماقتا.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن بىر كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن 2 دانە دېڭىز ئۈستىدە چارلاش ئېلىپ بېرىش ئايروپىلانى قاتنىشىۋاتقان مانېۋىر، غەربىي ئاقدېڭىزدا دەمەشق شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى Trident Juncture-2015 مانېۋىر بىلەن ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، مانېۋىر 6 – نويابىر كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر