نىگېرىيەدە بىر جامەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 28 كىشى ئۆلدى

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئادەم بومبا ھۇجۇمى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مايدۇگۇرى شەھىرىدە بامدات نامىزى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، جامەدىن 2 پارتلاش ئاۋازى ئاڭلانغان.

398108
نىگېرىيەدە بىر جامەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 28 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇجۇمنىڭ بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
بوكو ھارام بىر ھەپتە ئىلگىرىمۇ يەنە شۇ شەھەردە بىر جامەگە ھۇجۇم قىلغان، قوش ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 30 كىشى قازا قىلغانىدى.
دائېش بىلەن چېتىشلىق بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇملىرىدا 6 يىل ئىچىدە 20 مىڭ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 يېرىم مىليونغا يېقىن كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ، قېچىشقا مەجبۇر بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر