فىرانسىيەدىكى ۋەقەدە 42 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

فىراسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەرنارد كازانۇۋ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ تەكشۈرۈشلەردە بولدى.

397536
فىرانسىيەدىكى ۋەقەدە 42 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بوردېئوكىس شەھىرى ئەتراپىدا بىر يۇلۇچى ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتومۇبىلىنىڭ سوقۇشۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە، يۈك ئاپتومۇبىلى شوپۇرى بىلەن قوشۇلۇپ، جەمئىي 42 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل سوقۇشۇپ ئوت ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش تۈپەيلى ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ۋەقەدە پەقەت 3 كىشىلا قۇتقۇزۇپ قىلىندى.
فىراسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بەرنارد كازانۇۋ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا بېرىپ تەكشۈرۈشلەردە بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر