ئىراقتىن قورقۇنچلۇق خەۋەر كەلدى

ئىراقتا خولېرا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 809 غا يەتتى.

395532
ئىراقتىن قورقۇنچلۇق خەۋەر كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا، خولېرا ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە ئىراققا ياردەم بېرىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، ۋىرۇسنىڭ خەلقئارالىق تارقاش خەۋپىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
ئىراق مائارىپ مىنىستىرلىقىمۇ دۆلەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلىشىنى 18 نويابىرغا كېچىكتۈرگەنىدى.
ئىراق خەلقى ئىچىملىك سۇلىرى ۋە ئاممىۋى تازىلىق مەسىلىلىرىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلماقتا.
بولۇپمۇ ئىچىملىك سۇلىرىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان خولېرا ۋىرۇسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىڭلارچە كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر