كانادا دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈر

كانادا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش كۈچلىرى قارمىقىدىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈرۈش قارارى ئالدى.

395536
كانادا دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرى كاستىن ترۈدۈ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.
يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا % 39.5 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئۆز ئالدىغىلا ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن لىبېرال پارتىيە رەھبىرى كاستىن ترۈدۈ پايتەخت ئوتتوۋادا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ تېلېفون قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترۈدۈ، «پىرېزىدېنت ئوباماغا دائېشقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىتتىپاقداش كۈچلىرى قارمىقىدىكى ئەسكەرلىرىمىزنى چېكىندۈرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتىم» دېدى.
سايلام رىقابىتى پائالىيەتلىرى جەريانىدا بۇ ھەقتە سايلىغۇچىلارغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترۈدۈ، كانادا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ قاچان چېكىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىدى.
ترۈدۈ، «ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمىزنى، بىخەتەر، مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە سىستېمىلىق ھالدا چېكىندۈرۈشنى خالايمىز» دېدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، كانادانىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلىرى قارىمىدا دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان 6 ئايروپىلانى، 1 ماي قاچىلاش ئايروپىلانى، 2 چارلاش ئايروپىلانى، 600 كىشىلىك ئايروپىلان خادىملىرى ۋە ياردەمچىلىرى بار ئىكەن.
كانادا، ئەسكەرلىرىنىڭ 2014 – يىلى ئۆكتەبىردە ئىتتىپاقداش كۈچلىرى قارمىقىدا 6 ئاي ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى مارت ئېيىدا يەنە بىر يىل يەنى 2016 – يىلى مارت ئېيىغىچە ئۇزارتقانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر