كەشمىردىكى پاجىئەدە 14 كىشى ئۆلدى
ئەتىگەن سەھەردە يۈز بەرگەن پەقەدە 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 30 كىشى يارىدار بولدى. يارىدار بولغانلاردىن 10 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستاننىڭ جاممۇ ۋە كەشمىر ئۆلكىسىدە بىر ئاپتوبۇس تاغدىن دومىلاپ چۈشۈپ، 14 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 30 كىشى يارىدار بولدى.
ئەتىگەن سەھەردە يۈز بەرگەن پەقەدە يارىدار بولغانلاردىن 10 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر.
بىر ساقچى مەسئۇلى، تاغدىن غۇلاپ چۈشكەن ئاپتوبۇسنىڭ يېتىپ بېرىش قىيىن بولغان بىر يەرگە قاپسىلىپ قالغانلىقىنى ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ تەستە داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئالاقىدار مەسئۇل ۋەقەدىن كېيىن 14 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلغانلىقىنى ۋە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئاپتوبۇس ھەددىدىن زىيادە يولۇچى ئالغان دەپ قارالماقتا.
ھىندىستاندا كونا يول ۋە كونا ئاپتوبۇسلار ھەمدە دىققەتسىز شوپۇرلار سەۋەبىدىن يۈز بېرىدىغان قاتناش ۋەقەلىرىدە ھەر يىلى 100 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/de7a/4a07/b475/666eac96c0472.jpg?time=1719215127)
ھەجدە ۋاپات بولغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلش جەريانىدا 1301 كىشىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.