ئامېرىكىدا ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئاق ساراينىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىقلىرى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە يانتاياق بولۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

393633
ئامېرىكىدا ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېھيۇنىزمغا قارشى يەھۇدىيلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ غەربىي قىرغاق، قۇددۇس ۋە غەززەگە قاراتقان زوراۋانلىقلىرىغا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلىۋاتقان ياردەملىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئاق ساراينىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارشى چىقىدىغان سېھيۇنىزمغا قارشى يەھۇدىيلار بىرلىكىنىڭ ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلارچە ئادەم چۈش ۋاقتىدا ئاق ساراينىڭ ئالدىغا توپلىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان يېقىنقى كۈنلەردىكى ھۇجۇملىرىنى ۋە مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكنى قاتتىق ئەيىبلىدى. نامايىشتا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ئىسرائىلىيە تەرەپدارى پوزىتسىيەسىمۇ ئەيىبلەندى. نامايىشچىلار ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ھالدا، ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان ئىسرائىلىيەگە مىليارد دوللارلىق ياردەملەرنى بېرىشنى ۋاقتىدا توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئالدىدا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر