ئامېرىكا كامېرونغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە باشلىدى

ئامېرىكا بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن كامېرونغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييارلانماقتا.

392596
ئامېرىكا كامېرونغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دائىرىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە 300 ئەسكەرنى كامېرونغا ئەۋەتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بۇلاردىن 90 كىشى نىشانلانغان جايغا يېتىپ بارغان.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كامېروندا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرى، مەشىق لاگېرلىرى، قورال ۋە ئوق – دورا ئامبارلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلايدىكەن ۋە ھاۋادىن چارلاش ئېلىپ بېرىپ، رايوننىڭ يەر تۈزۈلۈشى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەيدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما كامېرونغا يوللىغان مەكتۇپىدا، بوكو ھارامغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر