ۋىيېتنام: خىتاي بىر بېلىقچى كېمىمىزنى سۇغا غەرق قىلىۋەتتى

خانوي دائىرىلىرى بېيجىڭنى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا بىر ۋىيېتنام بېلىقچى كېمىسىنى سۇغا غەرق قىلىۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

392696
ۋىيېتنام: خىتاي بىر بېلىقچى كېمىمىزنى سۇغا غەرق قىلىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىيېتنام دائىرىلىرى بۈگۈن (پەيشەنبە) بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ دەتالاشلىق جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا يېقىن بىر جايدا ۋىيېتنامنىڭ بىر بېلىقچى كېمىسىنى غەرق قىلدۇرىۋېتىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ئىككى كوممۇنىست قوشنىنىڭ ئارىسىدىكى يىرىكچىلىككە سەۋەب بولغان بۇ قېتىمقى ۋەقە ھەققىدە بايانات بەرگەن بىر تايلاندلىق ئەمەلدار، 29- سېنتەبىردە بىر خىتاي پاراخوتىنىڭ باراسىلس ئارىلى ئەتراپىدا ۋىيېتنامنىڭ 10 كىشىلىك بىر بېلىقچى كېمىسىگە قاتتىق سوقۇلۇپ ئۇنى سۇغا غەرق قىلىۋەتكەنلىكىنى، كېمىدىكى بېلىقچىلارنىڭ ۋىيېتناملىق باشقا بىر بېلىقچى كېمىسىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن قۇتقۇزىۋېلىنغانلىقىنى، مەزكۇر بېلىقچىلارنىڭ ئىككى كۈن ئىلگىرى دۆلەتكە قايتىپ كېلىپ، يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن دۆلەتنى ۋاقىپلاندۇرغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن خۇاڭ ئىسىملىك مەزكۇر ئەمەلدار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «خىتاينىڭ كۇاڭ نەي ئۆلكىسىدىكى بېلىقچىلارغا قىلغان مۇئامىلىسى ئېغىر دۈشمەنلىك ۋە رەھىمسىزلىك ھېسابلىنىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇشۇ يىل ئىچىدە 20 دىن ئارتۇق ۋىيېتنام بېلىقچى كېمىسىنىڭ خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىيۇل ئېيىدا غەرق قىلىۋېتىلگەن بېلىقچى كېمىسىنىڭمۇ بارلىقىنى قەيت قىلغان خۇاڭ، خىتايغا رەسمىي يۇسۇندا ئېتىراز بىلدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر