«تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىمىز»
تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقى راھىل شېرىف ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
391589
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راھىل شېرىف، 2014 – يىلى پاكىستاننىڭ پېشاۋېر شەھىرىدىكى بىر مەكتەپتە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن كەچىئۆرەندىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى خاتىرە ئورمانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆچەت تىكىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.
شېرىف، ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، پاكىستان خەلقىنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ مەسۇم كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامېن بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شېرىف، «پاكىستاندىمۇ شۇنداق ۋقەلەر يۈز بەرگەنىدى، شۇڭا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلىمىز» دېدى.
شېرىف كېيىنچە كۆچىئۆرەن ناھىيەسىنىڭ باشلىقى مۇستافا ئاققا تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى.