ئامېرىكىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نامايىشچىلار «بىرلەشكەن ئىنسانلار يېڭىلمەيدۇ» ۋە «ئىشغالىيەتكە قارشىلىق كۆرسۈتۈش قانۇلۇق ھەقتۇر» دەپ شوئارلارنى توشلىدى

388971
ئامېرىكىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان پەلەستىنلىكلەرگە قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ھەر قايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئوقۇغچىلاردىنمۇ نۇرغۇن كىشى نامايىشقا قاتناشتى.
ئىسرائىلىيەنىڭ نىيۇيوركتىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىغا توپلاشقان كىشىلەر «غەزەپلىنىش كۈنى» تېمىسى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىشلىرى ئارقىلىق پەلەستىن خەلقىگە ھەمكارلىق سىگنالى بەردى.
نامايىشچىلار «بىرلەشكەن ئىنسانلار يېڭىلمەيدۇ» ۋە «ئىشغالىيەتكە قارشىلىق كۆرسۈتۈش قانۇلۇق ھەقتۇر» دەپ شوئارلارنى توشلىدى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك ياشلارغا قارىتا ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنى تەكىتلىدى.
نامايىشتا ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە قۇددۇستە ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان سادىر قىلىۋاتقان قانۇنسىزلىقلىرىنىڭ يېڭى ئىش ئەمەسلىكى تەكىتلەندى.
نامايىشچىلار ئاندىن شوئارلارنى توۋلىغان ھالدا نىيۇيورك كوچىلىرىدا يۈرۈش قىلدى.
نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تائمىس مەيدانىغىچە يۈرۈش قىلماقچى بولدى.
بۇ ئارىلىقتا نامايىشچىلارنى كۈشكۈرتمەكچى بولغان ئىسرائىلىيەپەرەس بىر گورۇپپىنى ساقچىلار توسۇپ قالدى.
نامايىش ۋەقە چىقماستىن، تىنچ ھالدا ئاخىرلاشتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر