«رۇسىيەنىڭ نىشانى ئەسەدنى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇتۇشمۇ  قانداق؟»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ بەششار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش نىشان قىلىنغان ئۆتكۈنچى سىياسىي باسقۇچنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشتىنمۇ كۆرە بەششار ئەسەدنى داۋاملىق ھاكىمىيەت بېشىدا تۇتۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى

389066
«رۇسىيەنىڭ نىشانى ئەسەدنى ھاكىمىيەت بېشىدا تۇتۇشمۇ  قانداق؟»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىم قالىن، «‹ Daily ساباھ› گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ماقالىسىدە، رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق توختالدى.
قالىن ماقالىسىدە، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا دائېشقا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا داخىل بولۇشىنىڭ، يېقىن تارىخنىڭ ئەڭ قانلىق ئۇرۇشلىرىدىن بىرىدە يېڭى دىنامىكىلىق كۈچلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقىنى يازدى.
باياناتچى قالىن، رۇسىيەنىڭ بۇ ئارقىلىق قايتىدىن كۈچىيىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ تاجاۋۇزچى ۋە تەسىر دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش سىياسىتىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىبراھىم قالىن، رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ يېڭى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن دائېشتىن تۈتەك پەردىگە ئوخشاش پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر