گۇاتېمالادا زور كۆلەملىك توپراق كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى گۇاتېمالادا شىددەتلىك ھۆل – يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان توپراق كۆچۈش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 كە يەتتى
387285
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى گۇاتېمالادا شىددەتلىك ھۆل – يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان توپراق كۆچۈش ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 كە يەتتى، 350 ئادەمنىڭ ئىز – دېرىكى ئېلىنالمىدى.
پايتەخت گۇاتېمالاغا يېقىن يەردىكى بىر بازاردا مەيدانغا كەلگەن مەزكۇر توپراق كۆچۈش ۋەقەسىدە 125 ئەتراپىدا ئۆي – ماكان زىيانغا ئۇچرىدى. ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا ئۆسمۈرلەر ۋە يېڭى توغۇلغان بوۋاقلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلدۈردى. رايوندىكى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
گۇاتېمالانىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان سانتا كاتارىنا پىنۇلا رايونىدا پەيشەنبە كۈنى كېچە شىددەتلىك يامغۇر ياغقاندىن كېيىن زور كۆلەملىك توپراق كۆچۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنىدى.