خىتاي ئاپتوموبىل بازىرىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا

خىتاي بارغانچە كاساتلىشىۋاتقان ئاپتوموبىل بازىرىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا.

385998
خىتاي ئاپتوموبىل بازىرىنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بارغانچە كاساتلىشىۋاتقان ئاپتوموبىل بازىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن باجنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى.
بۇ دائىرىدە ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ ئۈچتە ئىككىسىنى تەشكىل قىلىدىغان كىچىك ماشىنىلار ئۈچۈن قوشۇمچە قىممەت بېجى 50% تۆۋەنلىتىلىدۇ.
خىتاي مۇتەخەسسىلىرى 2016-يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ 10 مىليارد ياۋرو چىقىمغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
خىتايدا ئۆتكەن ئاي ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ بازىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كاساتلىشىپ كەتكەنىدى.
بۇ يىل يانۋاردىن ئاۋغۇست ئېيىغىچە ئاپتوموبىل بازارلىرى 2.6% قىممەت بىلەن يۇقىرىدەك قىلسىمۇ، بۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل بازىرىنىڭ يىل ئاخىرغىچە كاساتلىشىدىغانلىقىنى ھەتتا كىچىكلەپ كېتىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر