ئىسرائىلىيە كەرىم ئەبۇسالىمنى تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنىڭ بىردىنبىر سودا چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان كەرىم ئەبۇ سالىمنى تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

385919
ئىسرائىلىيە كەرىم ئەبۇسالىمنى تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە غەززە رايونىنىڭ بىردىنبىر سودا چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان كەرىم ئەبۇ سالىمنى «سۇكوت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن جۈمە كۈنىدىن سەيشەنبە كۈنىگىچە تاقىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كەرىم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزى مۇدىرى مۇنىر ئەلغەلبان ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، «ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى سۇكوت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كەرىم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىنى ئەتىدىن تارتىپ سەيشەنبە كۈنىگىچە تاقىۋېتىدىغانلىقىنى، يەكشەنبە كۈنى بولسا چەكلىك دائىرىدە يېقىلغۇ يۆتكىۋېلىش ئۈچۈن ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى» دېدى.

8 يىلنىڭ مابەينىدە ئىسرائىلىيەنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان غەززەدىكى كەرىم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزىنىڭ تاقىۋېتىلىشى ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا كېتىدىغان كېرەكلىك يېقىلغۇ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، رايوندا قىيىنچلىق پەيدا قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر