كېرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى.

385847
 كېرى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتا سۈرىيەدىكى كۈچلەرنىڭ توقۇنۇشۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدە ماس قەدەمدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقى جاكارلاندى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى بىلەن سۈرىيەدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان رۇسىيەنىڭ «كۈتۈلمىگەندە توقۇنۇشۇپ قېلىش» ىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇچۇر - ئالاقە مېخانىزمى تۇرغۇزۇش توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئېيتتى. لاۋروۋ، «ھەممىمىز دېموكراتىك، لائىق (دىن بىلەن دۆلەت بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن تۈزۈم)، بارلىق ئېتنىك مىللەتلەر، مەزھەپلەر ۋە ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا ساھىبخانىلىق قىلىدىغان بىر سۈرىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، بىراق بۇ ھەقتە كۆز قاراشلىرىمىز ئوخشىمايدىغان تەرەپلەرمۇ بار» دېدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېرى سۈرىيەدە بومباردىمان قىلىنغان نىشانلار توغرۇلۇق ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىلىرى بارلىقىنى لاۋروۋغا يەتكۈزگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە، سۈرىيەدىكى كىرىزىسكە دەرھال ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ، توقۇنۇشلارنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر