ھەجدە ۋاپات بولغان تۈركىيەلىك ھاجىملارنىڭ سانى ئۈچكە چىقتى

مىنادىكى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە كېسەل بولغان ھاجىملار ھەربىي ئايروپىلان بىلەن تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى.

347659
ھەجدە ۋاپات بولغان تۈركىيەلىك ھاجىملارنىڭ سانى ئۈچكە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاندا مىنادا قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى يۈز بەرگەن قىستاڭچىلىقتا ۋاپات بولغان تۈركىيەلىك ھاجىملارنىڭ سانى ئۈچكە چىقتى، ئاقىۋىتىدىن خەۋەر ئېلىنالمىغان ھاجىملارنى سانى بولسا، بەشكە چۈشتى.
مىنادىكى قىستاڭچىلىقتا ۋە 12 – سېنتەبىر مەككەدە قۇرۇلۇش ۋەقەسىدە يارىلانغان تۈركىيەلىك ھاجىملار، تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىندى. ھەج ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا كېسەل بولغان ھاجىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 24 ھاجىم ئولتۇرغان تۈركىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىر تىرانسىپورت ئايروپىلانى، پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئەتىمەسگۇت ئايرودۇرۇمىغا قوندى. ھاجىملارغا، 12 سەھىيە خادىمى ھەمراھ بولدى. ھاجىملار ئەنقەرەدىكى ھەر قايسى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىدۇ.
ئىران ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستاننى ھاجىملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالماسلىق بىلەن ئىزچىل تەنقىد قىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر