ياۋروپا باشلىقلىرى كۆچمەنلىك مەسىلىسى ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىردى

ياۋروپا ئەللىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆچمەنلىك مەسىلىسىگە چارە تېپىش ئۈچۈن بىريۇسسېلغا كەلدى.

391246
ياۋروپا باشلىقلىرى كۆچمەنلىك مەسىلىسى ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىردى

ياۋروپا ئەللىرى ئىچىكى ئىشلار مىنىستىرلىرى كۆچمەنلىك مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىريۇسسېلغا كەلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى يىغىندا، 120مىڭ كۆچمەننى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە ھەل قىلىش يولى تېپىلىدۇ.
بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى كۆچمەنلەرنى ئەزا دۆلەتلەرگە مۇۋاپىق مىقتاردا تەقسىم قىلىشنى تەكلىپ قىلىشتى. بۇ دۆلەتلەر ۋېنگىرىيە، پولشا، سىلوۋاكىيە ۋە چېخ قاتارلىق دۆلەتلەردۇر.
ۋېنگىرىيە ياۋروپا چېگرالىرىنىڭ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. سىربىيە چېگرىسىدا كۆچمەنلىك دولقۇنىغا قارشى قاتتىق تەبىر ئېلىۋاتقان ۋېنگىرىيە، دۆلەت ئارمىيەسىگە كۆچمەنلەرگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن پىلاستىك ئوق ئېتىشقا رۇخسەت بەردى.
بۇ يىل ئىچىدە تەخمىنەن 500مىڭ كۆچمەن ئاق دېڭىز ئارقىلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يېتىپ بارغان. ئەڭ ئاز 2800 كىشى بۇ مۇشەققەتلىك سەپەردە ئۆلگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر