رۇسىيەدە ئۆكتىچىلەر پۇتىنغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى
رۇسىيەدە ئۆكتىچىلەر پۇتىنىڭ سىياسەتلىرى بىلەن ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزدى.
391005
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىي تەرەپدارلىرى پايتەخت موسكوۋادا پىرىزېدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
«ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ھاكىمىيەت» شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا مىڭلارچە ئۆكتىچى قاتناشتى. نامايىشتا پۇتىننىڭ سىياسەتلىرى بىلەن ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.
ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋلنىي نامايىشچىلارغا قىلغان سۆزىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئۆكتىچى رەھبەر ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىر بورىس نېمتسوۋنى ئەسلەپ ئۆتتى. ناۋالنىي كىرىمېل سارىيىغا يېقىن جايدا سۈيقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن نېمتسوۋ جىنايىتىنىڭ پەردا ئارقىسىدا چېچىنىيە رەھبىرى رامىزان قادىروۋنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
پۇتىنغا ئىزچىل قارشى چىقىپ كېلىۋاتقان ناۋاليىن، چىرىكلىك قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 كۈن تۇرمىغا سولانغانىدى.