ئاقدېڭىزدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ 7 كىشى ئۆلدى

ئاقدېڭىزدا قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 7 كىشى ئۆلدى، 102 كىشى قۇتۇلدۇرۇۋېلىندى.

351686
ئاقدېڭىزدا كۆچمەنلەر ئولتۇرغان كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىپ 7 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستىن يولغا چىققان بىر ماي پاراخوتى ئاقدېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر كېمىدىن جىددىي ياردەم سىگنالى تاپشۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن، ماي پاراخوتىنىڭ كاپىتانى چۆكۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان كېمىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ۋەقەدە بىر بالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 7 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 102 كىشى قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىپ، ماي پاراخوتىغا چىقىرىلغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر