ئامېرىكا - كۇبا مۇناسىۋەتلىرى نورماللاشماقتا
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كۇبا ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىش يولىدا ھەر كۈنى يېڭى بىر قەدەم تاشلانماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قېتىم ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن كۇبا پىرېزىدېنتى رائۇل كاسترو، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچى توغرۇلۇق تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردى.
ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، پاپا فرەنسىسنىڭ ئىككى دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇش ھارپىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
پىرېزىدېنت باراك ئوباما ئۇچرىشىشتا يەنە، قايتىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا باش ئەلچىخانا ئېچىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇچرىشىشتا، ۋاشىنگىتون بىلەن ھاۋانا ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرىغا قارىماي دىپلوماتىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ھەمدە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىدا پاپا فرەنسىسنىڭ ئوينىغان رولىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇش باسقۇچىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا ۋاسىتىلىك رول ئوينىغان پاپا فرەنسىس، كۇبا زىيارىتىدىن كېيىنلا 22 – سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگىتوندا ئۇچرىشىشلاردا بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيەلىكلەر باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
2024-يىلنىڭ دەسلەپكى 7 ئېيىدا 40 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتنى تەرك ئەتتى.