«دائېش تۈركىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ»
دائېش ۋە پ ك ك نىڭ تۈركىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى قوزغاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتنىڭ خەۋىردە دائېش مىلىتانلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن ساقال ۋە بۇرۇتلىرىنى ئېلىۋېتىپ تۈركىيەگە سوقۇنۇپ كىرگەنلىكى، شۇنداقلا دائېشنىڭ پ ك ك غا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
تۈركىيە ئىستىخبارات ئورۇنلىرى دائېش بىلەن پ ك ك نىڭ تۈركىيەدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى، ئىستىخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا سۇنغان دوكلاتىدا دائېش تەلافەر، تۇزھۇرماتۇ ۋە كەركۈكتىكى تۈركمەن ۋە ئەرەب بولغان 7 دائېش مىلىتانىنى تۈركىيەگە ئەۋەتكەنلىكى، دائېش مىلىتانلىرىنىڭ دىققەت تارتماسلىق ئۈچۈن ساقال ۋە بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىپ تۈركىيەگە سوقۇنۇپ كىرگەنلىكى، شۇنداقلا دائېشنىڭ بولسا پ ك ك غا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. پۈتكۈل ۋىلايەتلەردىكى ساقچى ئىدارىلىرىغا قاتتىق بىخەتەرلىك تەبىر ئېلىشقا يوليۇرۇق بېرىلدى. دوكلاتتا 5 دائېش مىلىتانىنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرى بېرىلدى.
ئىستىخبارات ئورۇنلىرى پ ك ك نىڭ 7 تېررورچىنى ئىستانبۇلغا ئەۋەتكەنلىكىنى، پ ك ك نىڭ ئەگە رايونىدا تېررورلۇق قىلمىشلىرى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. قولغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن داۋاملىق ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان تېررورچىلارنىڭ بىر-بىرلىرىدىن ئايرىم ھالدا تېررورلۇق قىلمىشلىرى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىۋاتقانلىقلىرى قەيت قىلىندى.