ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇنبىرىگىچە بېسىپ كىردى

مەسجىدى ئەقسانىڭ قورۇسىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر توقۇنۇشۇپ 26 ئادەم يارىلاندى.

350015
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇنبىرىگىچە بېسىپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەسجىدى ئەقسانىڭ قورۇسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 26 ئادەم يارىلاندى.
يەھۇدىيلار تەرىپىدىن يېڭى يىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان «روش ئاشانا» دەم ئېلىش كۈنى سەۋەبىدىن مەسجىدى ئەقسا ئۈچۈن قويۇلغان چەكلىمىلەر ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بۈگۈن ئەتىگەندە 3 كۈندىن بېرى مۇسۇلمانلارنىڭ زىيارەت قىلىشى چەكلەنگەن مەسجىدى ئەقسانىڭ قورۇسىغا بېسىپ كىرىپ ئىچىدىكى جامائەتكە قوپاللىق قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئۆتۈكلىرىنى سالماي مەسجىدى ئەقسا جامەسىنىڭ مۇنبىرىگە دەسسىدى.
مەسجىدى ئەقسا مۇدىرى ئۆمەر قىسۋانى ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەقسانىڭ ئۆگزىسىدىن مۇسۇلمانلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، ئاۋاز بومبىسى ياغدۇرغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئەتراپى ئەينەك بىلەن قورشالغان مۇنبىرىگىچە بېسىپ كىردى.»
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئوتتۇرىسىدا ئەقسانىڭ قورۇسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 26 ئادەم يارىلاندى.
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى يەكشەنبە كۈنى مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىپ، ئىچىدىكى جامائەتكە قوپاللىق قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ جامەگە كىرىشىگە كۈچ ئىشلىتىپ مەلۇم مۇددەت توسالغۇ بولغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر