تۈركىيە دائېشنىڭ 3 ئەزاسىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

كىلىستە تۈركىيەگە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرگەن ئىككىسى سۈرىيەلىك بولۇپ جەمئىي 3 كىشى، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

389273
تۈركىيە دائېشنىڭ 3 ئەزاسىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئارقىلىق تارقىتىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «كىلىس / ئەلبەيلىدە سۈرىيەدىن قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرگەن ئىككىسى سۈرىيەلىك جەمئىي ئۈچ كىشى دائېش قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى» دېيىلدى.

سىئىرتنىڭ ئەرۇھ ناھىيەسىدە بولسا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى ئۆلۈك ھالەتتە قولغا چۈشۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، 16- سېنتەبىر چارشەنبە كۈنى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان 829 كىشى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر