ب د ت ئەمەلدارى: سۈرىيەدىكى ۋەزىيەت چىدىغۇسىز ھالەتكە يەتتى

ب د ت باش كاتىپ ياردەمچىسى، ئىنسانىي مەسىلىلەر ۋە جىددىي ئەھۋاللار كوردىناتورى سىتېفېن ئوبرايىن سۈرىيە ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالدى.

389023
ب د ت ئەمەلدارى: سۈرىيەدىكى ۋەزىيەت چىدىغۇسىز ھالەتكە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپ ياردەمچىسى، ئىنسانىي مەسىلىلەر ۋە جىددىي ئەھۋاللار كوردىناتورى سىتېفېن ئوبرايىن سۈرىيەدە مىڭلارچە پۇقرانىڭ تولىمۇ جاپالىق ھايات قېلىش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، سۈرىيەنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ساقلىنىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيەگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلغان ئوبرايىن، سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇش يۈزىسىدىن مىڭلاچە كىشىنىڭ ئۆلۈم خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ھۇجۇملارنىڭ دۆلەتنىڭ ئۇست قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىپ تاشلىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

سىتېفېن ئوبرايىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەمەشىق ۋە ھەلەب قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەردە كىشىلەرنىڭ بىر قانچە ئاينىڭ مابەينىدە سۇ ۋە توكسىز تۇرمۇش كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى، 2 مىليون ئەتراپىدا ئۆسمۈرنىڭ ئوقۇش ۋە سەھىيە خىزمەتلىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى، 500 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ جىددىي ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيەدە ئۇرۇش سۈرئەت بىلەن داۋام قىلماقتا؛ سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى مەشھەد مەھەللىسىگە ۋارىل بومبىسى تاشلىدى. ھۇجۇمدا 45 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئونلارچە ئادەم يارىلاندى. يارىدارلار چۆل دۇختۇرخانىلىرىدا بالنىستقا ئېلىندى. كۆپلىگەن يارىدارلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي – ماكانلارنىڭ ئاستىدا قالدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر