تۈركىيە مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى ئەيىبلىدى.

387362
تۈركىيە مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مەسجىدى ئەقساغا كىرىپ مۇسۇلمانلار بىلەن توقۇنۇشقان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنى ئەيىبلىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 13-سېنتەبىر ئەتىگەندىن باشلاپ مەسجىدى ئەقساغا كىرىپ ئىچىدىكى مۇسۇلمان جامائەت بىلەن توقۇنۇشقانلىقلىرىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىگە كىرىشىگە توسالغۇ بولۇشىنى قاتتىق ئەيبىلەيمىز.»
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي قۇددۇستا ئىبادەت ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى، شۇنداقلا مەسجىدى ئەقسانىڭ ئورنىنى ۋە مۇقەددەسلىكىنى نىشان قىلغان ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بۇ قانۇنسىز قىلمىشلىرىغا دەرھال خاتىمە بېرىشى كېرەك.»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر