تايلاندتا ئالماس ئوغرىلىغان خىتاي پۇقراسى تۇتۇلۇپ قالدى

تايلاند ئاديرودۇرۇمىدىكى تەكشۈرۈشتە، بىر خىتاي ساياھەتچىسىنىڭ بوغما ئۈچىيىدىكى ئالتە كراتلىق ئالماس ئۈسكۈنە بىلەن تارتىپ چىقىرىلدى.

387354
تايلاندتا ئالماس ئوغرىلىغان خىتاي پۇقراسى تۇتۇلۇپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ تايلاندتا ئۆتكۈزۈلگەن زىننەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسىدە ئوغرىلاپ يۇتۇۋالغان ئالتە كراتلىق ئالماس مەخسۇس ئۈسكۈنە بىلەن ئۈچىيىدىن چىقىرىلدى.
تايلاند ساقچى ئىىدارىسىنىڭ باياناتچىسى مانا تىيېنماۋڭپاڭ، پەيشەنبە (17 – سېنتەبىر) كۈنى باڭكوكتىكى سۇۋارنابخۇمى ئايرودۇرۇمىدىكى x نۇرى تەكشۈرۈشىدە، خىتاي ئايال ساياھەتچىنىڭ ئۈچىيىدە ئالماسقا ئوخشايدىغان نەرسىنىڭ بايقىلىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي ئايال ساياھەتچىنىڭ تەكشۈرۈشتە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى، دەسلەپتە تەبىئىي يوللار بىلەن بەدىنىدىن چىقىرىلىشى كۈتۈلگەن تەخمىنەن قىممىتى 280 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق ئالماسنىڭ، يەكشەنبە (13 – سېنتەبىر) كۈنى مەخسۇس ئۈسكۈنە بىلەن چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى. ئۇ ئايالنىڭ قولغا ئېلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەرمەنكىدە ئالماسنىڭ ئىگىسىدىن كۆرۈپ بېقىشنى باھانە قىلىپ ساختىسىغا ئالماشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي ئايالغا ھەمراھ بولغان خىتاي ئەر كىشىمۇ قولغا ئېلىنغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر