بېرلىندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا مەسىلىسى كېڭەش قىلىندى

بېرلىندا ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر كېڭەش قىلىندى.

348803
بېرلىندا رۇسىيە-ئۇكرائىنا مەسىلىسى كېڭەش قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە، گېرمانىيە، ئۇكرائىنا ۋە فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بېرلىندا يىغىن چاقىردى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانك ۋالتېر سىتايىنمايېر ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئىككى ھەپتىدىن بۇيان يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ ئىشنىڭ قوراللارنى توقۇنۇش رايونلىرىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىش بىلەن ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتقان سىتايىنمايېر، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى بىلەن كىيىۋ بىلەن موسكوۋا ئوتتۇرىسىدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم تۈزۈلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
سىتايىنمايېر تەرەپلەرنىڭ فېۋرالدا ئىمزالانغان مىنسىك ئەھدىنامىسىنىڭ روھىي بويىچە ئىش تۇتۇشلىرى لازىملىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر